4/25/2009

Yette su pajesi

يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بۇ قانلىق پاجىئەنىڭ قىسقىچە جەريانى مۇنداق بولغان:
-1918يىلى -5ئايدا، يېڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتانى ئىگىلىگەن قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق قىرغىن قىلىشىدەك قانلىق ]ۋەقە يۈز بەردى. بۇ پاجىئە تارىختا >ئاتۇ پاجىئەسى< دەپ ئاتالدى. مىللىي كەمسىتىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش سۇيقەستى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ قانلىق پاجىئە ئەينى ۋاقىتتا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئېغىر بالايىئاپەتكە دۇچار قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت قالدۇردى. يېڭىدىن تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ قوشۇنلىرى نىمە ئۈچۈن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنى قىرغىن قىلىدۇ؟ -1917يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلىپ، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى يوشۇرۇن تۈردە جاي-جايلارغا بېرىپ تەتغر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئۆز ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈشكە ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرپ تاشلاشقا قۇتراتقان. ئاقلارنىڭ ئاز ساندىكى ئوفىتسىرلىرى ئالمۇتا تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىسىدىمۇ > بولشىۋىكلار دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغانلارنى جازالايدۇ، شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋالىدۇ...< دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. مۇشۇنداق تەشۋىقاتلار يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى چېلەك قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، سوۋىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەركەتلەرگە قاتناشقان. مەسىلەن، -1918يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرى بىرقىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار قاراسۇ بولۇسلىقىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى باشلاپ، كەتمەن-گۈرجەك، ئارا-ئورغاققا ئوخشاش ئىنتايىن قالاق قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، سوۋىت قىزىل گىۋاردىيىسى ئىگىلىگەن ئالمۇتا سېپىلىغا ھۇجۇم قىلغان. سېپىل ئىچىدىكى مۇنتىزىم قوراللار بىلەن قوراللانغان قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرى قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىپ، -3ئاينىڭ -2كۈنىگە قەدەر ئىسيانچىلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. سېپىل ئىچىدىكى قىزىل گىۋاردىيە كوماندىرلىرى ئىۋان مامۇنتۇۋ، مۇرايىۋلار مەسىلىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىئىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، -1918يىلى -5ئايدا، ئۇيغۇرلارغا ئۆز ئېلىش خارەكتىرلىك جازا يۈرۈشى قوزغىغان. مۇرايىۋ قوشۇنلىرى ئالمۇتادىن غالجاتقىچە بولغان چېلەك، كىيىكۋاي، ئىنچىكە بۇلاق، قورام، لاۋار، مالىۋاي، قاراتۇرۇق، بايسېيىت، قارا يوتا، غەيرەت، ئاۋات، دولاتا، تۈگمەن دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئالمۇتا سېپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇقلا رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان. ئاتۇ پاجىئەسى ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان. مۇرايىۋ قوشۇنلىرى بۇ جايدا ئىككى يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئوتتۇرا كوچا بىلەن ھەيدەپ كىلىپ ، سادىر ئىمام دېگەن كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئارقا تەرەپتىن پىلىموتقا تۇتقان. ئۆلمەي مىدىرلىغانلارنى نەيزە بىلەن سانجىپ،تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كوچىمۇكوچا، ئۆيمۇئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇپ كىلىنگەن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قىرىپ تاشلىنىلىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن. چېلەك ناھىيىسىنىڭ لاۋار، ئىنچىكە بۇلاق دېگەن يېزىلىرىدىمۇ مۇرايىۋ قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئىچىنىشلىق ھالدا قىرغىن قىلغان. لاۋارنىڭ ئۆستەڭ سۇلىرى قىزىل قانغا بويالغان. تۈگمەن يېزىسى ئاممىۋىي قىرغىنچىلىنىڭ ئاخىرقى چېكى بولۇپ، بۇيەردىمۇ نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانغان. نەچچە ئون كۈن داۋام قىلغان ئاتۇ قىرغىنچىلىقى جەريانىدام نەچچە ئونمىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلتۈرۈلگەن. پەقەت چېلەك ناھىيىسىنىڭ قورام يېزىسىدىلا ئۈچ مىڭغا يىقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قىرغىنچىلىق داۋامىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۈركۈپ كەتكەن سان-ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان. بەزىلەر تاغ-ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنغان، بەزىلەر ئۇزاق سەپەرلەردە ھېرىپ-چارچاپ، ئاچ-يالىڭاچ قېلىپ، ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ چەككەن، يۈزلىگەن ئۇششاق بالىلار ۋە تېنى ئاجىز قېرىلار ئاچارچىلىق ۋە كىسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان ئاھالە باشقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن. قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنغان. قىسقىسى، قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى سەرسانلىق -سەرگەردانلىق ۋە گادايلىق تۇرمۇشى تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان.؛ ناھەق قىرىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۇزاق يىللارغىچە جۇدالىق ۋە ئۇۋالچىلىق دەردىنى تارىتقان، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن خورلانغان. دېمەك، بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئېسىگە كىلەلمىگەن... گەرچە يەتتىسۇ ئوبلاستىدا سوۋىت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، -1918 يىلى ئاۋغۇسىتتا، قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، ئاتۇ پاجىئەسى قاتتىق تەنقىدلىنىپ، ناھەق قىرىپ تاشلانغان ئۇيغۇرلارنى ئاقلاش، يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ قېچىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، مۇرايىۋقا ئوخشاش جازالاش ھەققىدە قارارلارچىقىرىلغان بولسىمۇ، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە بۇ پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ۋەتەندىكى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى ئېغىر يارا ۋە زالىم كۈچلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك ھەرگىز يوقىمايدۇ. <مەمتىلى ئەپەندى> ناملىق كىتاپتىن پايدىلىنىلدى.








DAWAMI...