5/03/2009

Ermenler






Ermenler xiristan dinigha étiqad qilidighan xelq bolup dunya boyuche 5 milyon noposi bar. Ermeniyening özide 3 milyon ermen olturaqlashqan. Yer meydani 29.800 km2.

Ermenlerning qedimqi tili hindi- yawrupa til séstimisining shimali fars til tarmiqigha tewe til bolup hazir köprek girik tilining tesiri bar.
.


Ermenler 1917-yili engilye we rosiyening yardimide ermen döliti qurghan bolup 1922- yili sowit itpaqigha kirgen. 1991- yili musteqqil bolghan.

Ermenler türkiyening kars wilayiti, giroziyening batumi aptunom rayuni we azerbayjanning qarabagh rayunini özige qoshup biwaste qara déngizgha tutushidighan ermen dölitini arzu qilip kelmekte.

Ermenler 1989- yili sowit itpaqi ros qoshunlérining yardimide azerbayjanning qarabagh rayunini bésiwalghan bolup, bu urushta 200 mingdin ushuq azerbayjan shihit bolghan we bir milyondin ushuq azeri öz yurtidin qoghlap chiqirilghan.

Ermenler osman türkléri 1915- yili 1.5 milyon ermenni ammiwi qirghin qilghan dep qaraydu. Hem yawrupa we amirkadiki ermen teshkilatléri we xiristan küchlérining yardimide dunyada 39 dölet bu atalmish “ ammiwi qirghin”ni étirap qilghan. Türkiye buninggha izchil qarshi turup kelgen. Türkiyening qarishiche 1915- yili armenler uruslarning yardimide türkiyening kafkazdin chikin’gen nurghun puqralérini qirghan hem türkiyening kars rayunida ténch puqralardin nechche yüzmingni qirghin qilghan shunga osman armiyesi ermenler bilen urush qilghan, bu qétimqi urushta ikkila tereptin adem ölgen. Bu ammiwi qirghin emes belki 1- dunya urushining bir qismi deydu.

Türkiye tarx qurumining sabiq bashliqi pirafisor yüsüp halajoghli osmanli, birleshken milletler(döletler) teshkilati, amirka, gérmaniye, firansiye, rosiye we engilyening shu waqitlardiki arxiplérini tekshürish arqiliq shu 1915- yili ölgen ermenlerning omomi sani 47 ming, hergizmu ermenler éytqandek 1.5 milyon emes deydu. Bu 47 ming ölgen ermenlerning ichide ermenlerni türkiyening bashqa jayléridin türkiyening sherqige köchirish jeryanida türlik qatnash qazaléri, kisellik, acharchiliq qatarliqlardin 37 mingi ölgen, yeni 8.5 ming ermen yolda musulmanlarning zerbiside ölgen, yene 1.5 ming ermenning ölimi éniq xatirlenmigen deydu.

Türkiye ermen qirghinliqining eksiche shu chaghda esli türk qirghini yüz Bergen deydu. 1- dunya urushi bashlan’ghanda ermenler türkiyening herqaysi jaylérida yawrupa qoshunigha masliship türk puxralargha hujum qilip 122 ming musulmanni öltürgen, uningdin kiyin 1915- yili ermenlerni köchirish bashlan’ghan, köchirish bashlan’ghandin kiyin 1915- yildin 1920- yilghiche ermenler chetel küchlérining yardimide yene 410 ming musulmanni öltürgen, kafkaz urushida türkiye rosiyege yéngilgendin kiyin kafkazdin chikin’gen 1 milyon musulmanning 700 mingi türkiyege saq kéleligen qalghan 300 ming musulman yolda ermenler hujumida ölgen deydu. Uning üstige 1918- yili ermenler hazirqi azerbayjan bashkenti bakuni bésiwélip nechche kün ichide 10 mingdin artuq azeri türkini öltürgen, yéqinqi ikki yüz yildin buyan ermenler hazirqi ermenistan digen dölet ziminidiki 2 mingdin ushuq azeri türkining kentlérini weyran qilip 1.5 milyon azeri türkini ana yurtléridin qoghlap chiqardi we yérim milyon azeri türkini öltürdi. 1989- yildin 1993- yilghiche ermenler azerbayjanning qarabagh rayunini bésiwélip 200 mingdin ushuq azeri türkini öltirdi we 1 milyondin ushuq azeri türkini ana yurtlérdin qoghlap chiqardi. Hazirqi qeder azerbayjanning 20% ziminini bé sip yétiptu deydu.

Ermenlerning eng yéqin ikki itpaqdash döliti rosiye bilen Irandur. Ermeniyening hazirqi maliye menbsining 70% ermenistandiki rosiye shérketléridin kélidu. Rosiye yiligha ermenistanning dölet mudapiyesi üchün bir milyard dollarliq qural yardem qilidu.

Ermenlerning yene bir itpaqdishi Iran. rosiye – gürjistan urushidin kiyin rosiyening gürjistan arqiliq ermenistangha kiridighan yardimi üzülip qalghandin kiyin iran ermenistan’gha néfit, tebi gaz, yimek ichmek qatarliq yardemlerni körsitip kelmekte. Bu yil 4- ayning 16- küni ermen bashqani sarkasyan iranni ziyaret qilghanda ermen- iran nechche on milyardliq soda toxtami imzalidi hem ermenistan’gha 4 yüz milyon amirka dollar yardem qildi. 200 ming noposluq iran ermenlérining tilige iranning ikkinchi dölet tili muqamini berdi. lékin iran noposinig 35 milyonnini igelleydighan, iranda ming yildin ushuq hakimyet béshida olturup saljuq, sefewi, qachar qatarliq dölet we impéryelerni qurghan azeri türklérige birer ana tilidiki mektep qurushigha yol qoymidi we ana tilida sözleshke yol qoymidi.

Ermenlerning chetellerdiki eng küchlik teshkilatléri yighilghan dölet amirka bolup bultur amirka saylimida obama ermen teshkilatlérigha egerde men saylamda ghelbe qilsam 1915- yildiki ermen qirghinini étirap qilimen dep wede bergen. Shuning bu yil obama türkiye sepiride türkiyeni qarabagh soqushidin buyan taqalghan türkiye- ermeniye chigrasini échishqa qistidi. Hem türkiye bilen azerbayjan ottursida chong ixtilap peyda qildi.




ئەرمەنىيە







ئەرمەنلەر خىرىستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلق بولۇپ دۇنيا بويۇچە 5 مىليون نوپوسى بار. ئەرمەنىيەنىڭ ئۆزىدە 3 مىليون ئەرمەن ئولتۇراقلاشقان. يەر مەيدانى 29.800 كم2.







ئەرمەنلەرنىڭ قەدىمقى تىلى ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىنىڭ شىمالى فارس تىل تارمىقىغا تەۋە تىل بولۇپ ھازىر كۆپرەك گىرىك تىلىنىڭ تەسىرى بار.







ئەرمەنلەر 1917-يىلى ئەڭىليە ۋە روسىيەنىڭ ياردىمىدە ئەرمەن دۆلىتى قۇرغان بولۇپ 1922- يىلى سوۋىت ئىتپاقىغا كىرگەن. 1991- يىلى مۇستەققىل بولغان.







ئەرمەنلەر تۈركىيەنىڭ كارس ۋىلايىتى، گىروزىيەنىڭ باتۇمى ئاپتۇنوم رايۇنى ۋە ئازەربايجاننىڭ قاراباغ رايۇنىنى ئۆزىگە قوشۇپ بىۋاستە قارا دېڭىزغا تۇتۇشىدىغان ئەرمەن دۆلىتىنى ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە.







ئەرمەنلەر 1989- يىلى سوۋىت ئىتپاقى روس قوشۇنلېرىنىڭ ياردىمىدە ئازەربايجاننىڭ قاراباغ رايۇنىنى بېسىۋالغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا 200 مىڭدىن ئۇشۇق ئازەربايجان شىھىت بولغان ۋە بىر مىليوندىن ئۇشۇق ئازەرى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.







ئەرمەنلەر ئوسمان تۈركلېرى 1915- يىلى 1.5 مىليون ئەرمەننى ئاممىۋى قىرغىن قىلغان دەپ قارايدۇ. ھەم ياۋرۇپا ۋە ئامىركادىكى ئەرمەن تەشكىلاتلېرى ۋە خىرىستان كۈچلېرىنىڭ ياردىمىدە دۇنيادا 39 دۆلەت بۇ ئاتالمىش “ ئاممىۋى قىرغىن”نى ئېتىراپ قىلغان. تۈركىيە بۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. تۈركىيەنىڭ قارىشىچە 1915- يىلى ئارمەنلەر ئۇرۇسلارنىڭ ياردىمىدە تۈركىيەنىڭ كافكازدىن چىكىنگەن نۇرغۇن پۇقرالېرىنى قىرغان ھەم تۈركىيەنىڭ كارس رايۇنىدا تېنچ پۇقرالاردىن نەچچە يۈزمىڭنى قىرغىن قىلغان شۇڭا ئوسمان ئارمىيەسى ئەرمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىككىلا تەرەپتىن ئادەم ئۆلگەن. بۇ ئاممىۋى قىرغىن ئەمەس بەلكى 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى دەيدۇ.







تۈركىيە تارخ قۇرۇمىنىڭ سابىق باشلىقى پىرافىسور يۈسۈپ ھالاجوغلى ئوسمانلى، بىرلەشكەن مىللەتلەر(دۆلەتلەر) تەشكىلاتى، ئامىركا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، روسىيە ۋە ئەڭىليەنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئارخىپلېرىنى تەكشۈرىش ئارقىلىق شۇ 1915- يىلى ئۆلگەن ئەرمەنلەرنىڭ ئومومى سانى 47 مىڭ، ھەرگىزمۇ ئەرمەنلەر ئېيتقاندەك 1.5 مىليون ئەمەس دەيدۇ. بۇ 47 مىڭ ئۆلگەن ئەرمەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەرمەنلەرنى تۈركىيەنىڭ باشقا جايلېرىدىن تۈركىيەنىڭ شەرقىگە كۆچىرىش جەريانىدا تۈرلىك قاتناش قازالېرى، كىسەللىك، ئاچارچىلىق قاتارلىقلاردىن 37 مىڭى ئۆلگەن، يەنى 8.5 مىڭ ئەرمەن يولدا مۇسۇلمانلارنىڭ زەربىسىدە ئۆلگەن، يەنە 1.5 مىڭ ئەرمەننىڭ ئۆلىمى ئېنىق خاتىرلەنمىگەن دەيدۇ.







تۈركىيە ئەرمەن قىرغىنلىقىنىڭ ئەكسىچە شۇ چاغدا ئەسلى تۈرك قىرغىنى يۈز بەرگەن دەيدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندا ئەرمەنلەر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلېرىدا ياۋرۇپا قوشۇنىغا ماسلىشىپ تۈرك پۇخرالارغا ھۇجۇم قىلىپ 122 مىڭ مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭدىن كىيىن 1915- يىلى ئەرمەنلەرنى كۆچىرىش باشلانغان، كۆچىرىش باشلانغاندىن كىيىن 1915- يىلدىن 1920- يىلغىچە ئەرمەنلەر چەتەل كۈچلېرىنىڭ ياردىمىدە يەنە 410 مىڭ مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەن، كافكاز ئۇرۇشىدا تۈركىيە روسىيەگە يېڭىلگەندىن كىيىن كافكازدىن چىكىنگەن 1 مىليون مۇسۇلماننىڭ 700 مىڭى تۈركىيەگە ساق كېلەلىگەن قالغان 300 مىڭ مۇسۇلمان يولدا ئەرمەنلەر ھۇجۇمىدا ئۆلگەن دەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1918- يىلى ئەرمەنلەر ھازىرقى ئازەربايجان باشكەنتى باكۇنى بېسىۋېلىپ نەچچە كۈن ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئازەرى تۈركىنى ئۆلتۈرگەن، يېقىنقى ئىككى يۈز يىلدىن بۇيان ئەرمەنلەر ھازىرقى ئەرمەنىستان دىگەن دۆلەت زىمىنىدىكى 2 مىڭدىن ئۇشۇق ئازەرى تۈركىنىڭ كەنتلېرىنى ۋەيران قىلىپ 1.5 مىليون ئازەرى تۈركىنى ئانا يۇرتلېرىدىن قوغلاپ چىقاردى ۋە يېرىم مىليون ئازەرى تۈركىنى ئۆلتۈردى. 1989- يىلدىن 1993- يىلغىچە ئەرمەنلەر ئازەربايجاننىڭ قاراباغ رايۇنىنى بېسىۋېلىپ 200 مىڭدىن ئۇشۇق ئازەرى تۈركىنى ئۆلتىردى ۋە 1 مىليوندىن ئۇشۇق ئازەرى تۈركىنى ئانا يۇرتلېردىن قوغلاپ چىقاردى. ھازىرقى قەدەر ئازەربايجاننىڭ 20% زىمىنىنى بې سىپ يېتىپتۇ دەيدۇ.







ئەرمەنلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ئىككى ئىتپاقداش دۆلىتى روسىيە بىلەن ئىراندۇر. ئەرمەنىيەنىڭ ھازىرقى مالىيە مەنبسىنىڭ 70% ئەرمەنىستاندىكى روسىيە شېركەتلېرىدىن كېلىدۇ. روسىيە يىلىغا ئەرمەنىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىيەسى ئۈچۈن بىر مىليارد دوللارلىق قۇرال ياردەم قىلىدۇ.







ئەرمەنلەرنىڭ يەنە بىر ئىتپاقدىشى ئىران. روسىيە – گۈرجىستان ئۇرۇشىدىن كىيىن روسىيەنىڭ گۈرجىستان ئارقىلىق ئەرمەنىستانغا كىرىدىغان ياردىمى ئۈزۈلىپ قالغاندىن كىيىن ئىران ئەرمەنىستانغا نېفىت، تەبى گاز، يىمەك ئىچمەك قاتارلىق ياردەملەرنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 4- ئاينىڭ 16- كۈنى ئەرمەن باشقانى ساركاسيان ئىراننى زىيارەت قىلغاندا ئەرمەن- ئىران نەچچە ئون مىلياردلىق سودا توختامى ئىمزالىدى ھەم ئەرمەنىستانغا 4 يۈز مىليون ئامىركا دوللار ياردەم قىلدى. 200 مىڭ نوپوسلۇق ئىران ئەرمەنلېرىنىڭ تىلىگە ئىراننىڭ ئىككىنچى دۆلەت تىلى مۇقامىنى بەردى. لېكىن ئىران نوپوسىنىگ 35 مىليوننىنى ئىگەللەيدىغان، ئىراندا مىڭ يىلدىن ئۇشۇق ھاكىميەت بېشىدا ئولتۇرۇپ سالجۇق، سەفەۋى، قاچار قاتارلىق دۆلەت ۋە ئىمپېريەلەرنى قۇرغان ئازەرى تۈركلېرىگە بىرەر ئانا تىلىدىكى مەكتەپ قۇرۇشىغا يول قويمىدى ۋە ئانا تىلىدا سۆزلەشكە يول قويمىدى.







ئەرمەنلەرنىڭ چەتەللەردىكى ئەڭ كۈچلىك تەشكىلاتلېرى يىغىلغان دۆلەت ئامىركا بولۇپ بۇلتۇر ئامىركا سايلىمىدا ئوباما ئەرمەن تەشكىلاتلېرىغا ئەگەردە مەن سايلامدا غەلبە قىلسام 1915- يىلدىكى ئەرمەن قىرغىنىنى ئېتىراپ قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭ بۇ يىل ئوباما تۈركىيە سەپىرىدە تۈركىيەنى قاراباغ سوقۇشىدىن بۇيان تاقالغان تۈركىيە- ئەرمەنىيە چىگراسىنى ئېچىشقا قىستىدى. ھەم تۈركىيە بىلەن ئازەربايجان ئوتتۇرسىدا چوڭ ئىختىلاپ پەيدا قىلدى.





Hiç yorum yok:

Yorum Gönder