Tili hindi- yawrupa til séstimisining gherbi fars tili tarmiqigha tewe, asasen ikki chong diyalikitqa bülin’gen.
Kordlarning Irandiki olturaqlashqan rayuni texminen 125.000 km², merkizi kermanshah, noposi texminen 8 milyon.
كوردلار
كوردلار تۈركىيەنىڭ شەرقى ۋە شەرقى جەنوبى، سۈرىيەنىڭ شىمالى ۋە شەرقى شىمالى، ئىراننىڭ غەربى قىسىملېرىدا ياشايدىغان خەلق. جەمى 30 مىليون ئۆپچۆرىسىدە نوپوسى بار. ئۇمومى نوپوسنىڭ 70% ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئى مەزھىپىگە، 30% ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئولتۇراقلاشقان دائىرسى تەخمىنەن 392.000 كم².
تىلى ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىنىڭ غەربى فارس تىلى تارمىقىغا تەۋە، ئاساسەن ئىككى چوڭ دىيالىكىتقا بۈلىنگەن.
كوردلارنىڭ تۈركىيە قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان رايۇنى تەخمىنەن 190.000 كم²، مەركىزى دىياربەكىر، نوپوسى 15 مىليون ئۆپچۆرىسىدە(تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئىستاتىسكىسىدا 8 مىليون).
كوردلارنىڭ ئىراقتا ئولتۇراقلاشقان رايۇنى تەخمىنەن 65.000 كم²، مەركىزى موسول. نوپوسى 8 مىليون ئۆپچۆرىسىدە(ئىراق دائىرلېرىنىڭ ئىستاتىسكىسىدا 4.5 مىليون). ھازىرقى ئىراق ئاساسى قانۇنى بويۇچە ئىراقنى تەشكىل قىلغان ئۈچ فىدىراتسىيە دۆلىتىنىڭ بىرسى.
كوردلارنىڭ سۈرىيەدە ئولتۇراقلاشقان رايۇنى تەخمىنەن 12.000 كم²، نوپوسى تەخمىنەن 2.5 مىليون.
كوردلارنىڭ ئىراندىكى ئولتۇراقلاشقان رايۇنى تەخمىنەن 125.000 كم²، مەركىزى كەرمانشاھ، نوپوسى تەخمىنەن 8 مىليون.
كوردلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ زىمىندا بىرلىككە كەلگەن كوردىستان قۇرۇشنى ئارزو قىلىپ كەلگەن بولۇپ ياۋرۇپا ۋە ئامىركانىڭ يەھۇدىلاردىن قالسا ئوينايدىغان ئەڭ چوڭ قارتىنىڭ بېرىگە ئايلانغان. ئۇلار بەزىدە كوردلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدۇ، بەزىدە ئۆز مۇدداسىغا يەتكەندە ياردەمنى توختىدۇ. كوردلار بۇ جەرياندا نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەن.
كوردلار تۈركىيەدە 84- يىلدىن بۇيان كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باشتا سوۋىت ئىتپاقىنىڭ كىيىن ياۋرۇپا ۋە ئەرمەنلەرنىڭ ياردىمىدە مۇستەققىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇ پارتىيەنى تېرورچى پارتىيە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسى كۈچى ئىراق شىمالىدىكى كوردلار رايۇنىدىن تۈركىيەگە ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيەمۇ نەچچە قېتىم چىگرا ئاتلاپ ئىراق زىمىنىگە كىرىپ بۇ تەشكىلاتقا زەربە بەردى.
ئىراقتىكى كوردلار 92- يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت بولۇپ ياشىماقتا.
ئىراندىكى كوردلار 89- يىلدىن بۇيان (پجاك) يەنى كورد تەشكىلاتىنىڭ رەھپەرلىكىدە ئىرانغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. بۇرۇن بۇ تەشكىلات ئىران ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە زەربە بەرمىگەن، ئاساسلىق تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ھەم ئۇرمىيە يەنى غەربى ئازەربايجاندىكى ئازەرىلەرگە ئاساسلىق زەربە بېرىپ كەلگەن. شۇڭا ئىرانمۇ بۇ تەشكىلاتقا بىر كۆزىنى يۇمۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىران ساقچىلېرىغا ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇپ 20 دەك ساقچىنى ئۆلتىردى، شۇڭا ئىران بۇ قېتىم چىگرا ئاتلاپ ئىراق زىمىنىدىكى كوردلارغا زەربە بەردى.
Hiç yorum yok:
Yorum Gönder